باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مونۇلارنى تەكىتلىدى

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي پۇختا ئىشلەپ، پاك- دىيانەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك

2017.04.17 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش لياۋ جۈنبو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، جاپا مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئامما بىلەن قەلبداش بولۇش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى. ئۇ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى»دېگەن نامغا مۇناسىپ پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش لياۋ جۈنبودىن ئۆگىنىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، چىن كۆڭلىدىن خەلققە بەخت ئاتا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاساسىي قاتلام 1- سېپىدىكى خىزمەت ئۈستىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك. بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولىدىغان، بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەخسۇس خادىم بولۇشى كېرەك.

  يولداش لياۋ جۈنبو ھايات چېغىدا فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ۋۇيى يېڭى رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى. ئىلگىرى جېڭخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى 2015- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭغا«مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن نامنى بەرگەن، يولداش لياۋ جۈنبو2017- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ۋۇيى يېڭى رايونىغا يىغىن ئاچقىلى كېتىۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، خىزمەت ئۈستىدە بەختكە قارشى قازا قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر