باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشچىلار ئويۇشمىسىدىن تارالغان ئىللىقلىق

2017.04.17 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋەر قىلىدۇ) ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى 11-ئاپرېل ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئىككى ياخشى ئانىغا 2000 يۈەن، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان 61 تۇل ئايالغا 9150 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن ۋە ياغ، ئائىلە قىيىنچىلىقى بار بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 2000 يۈەن ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە مېھرىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

  باش مەيدان ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىنشا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بەك ياخشى، ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئىشچىلار ئويۇشمىسى پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، مەيدان تەۋەسىدىكى بارلىق ئانىلارنى بېيىشقا يېتەكلەش، ئائىلە قېيىنچىلىقى ئېغىر نامرات ئاياللارغا ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىش، مەيداندىن ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ».

  ۋاڭ شىنشانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا باش مەيدان ئىشچىلار ئويۇشمىسى مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 35 ئوقۇغۇچىغا ئۈچ يىلغىچە ياردەم بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىللىق ياردەم بېرىدىغان 35 مىڭ يۈەننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تەگكۈزگەن، بۇنىڭدىن سۆيۈنگەن ئاتا- ئانىلار ئىشچىلار ئويۇشمىسىغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىپ، بالىلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇپ پارتىيەگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر