باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ئافغانىستاندا «بومبا ئانىسى»نى ئىشلەتتى

2017.04.14 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 13-ئاپرىل، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدىكى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىغا «بومبا ئانىسى» دەپ نام ئالغان GBU-43 چوڭ تىپتىكى بوشلۇقتا پارتلايدىغان بومبا تاشلىغانلىقىنى، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇرۇشتا بۇ خىل بومبا ئىشلىتىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى سپايسېر شۇ كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى لەخمىلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى، ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەت بوشلۇقىنى قامال قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  «بومبا ئانىسى»نىڭ ئېغىرلىقى 9.5 توننا كېلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن يادرو بومبىسى بولمىغان ئەڭ چوڭ بومبىسى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر