باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيەلەردە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يېزا-كەنت يەسلىلىرىدىن 42 سىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى

2017.04.14 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يېزا-كەنت يەسلىلىرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەسلىلەر بۇ يىل 9- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭىدىن 270 سىنىپ كۆپەيتىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يەسلىەر ئوقۇش يېشىدىكى سەككىز مىڭ نەپەر بالىنىڭ يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى 100 ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 344 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ مەبلەغ بىلەن 42 يېزا-كەنت يەسلىسى پۈتىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 93مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 17ى سېلىنىدىكەن، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا 12ى سېلىنىدىكەن، قالغانلىرى ھەر قايسى رايون ۋە ناھىيەلەرگە تارقالغان. بارلىق قۇرۇلۇش تۈرى بۇ يىل ئاۋغۇستتا تاماملىنىپ، 9 ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر