باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 18-ئاپرېل شىنجاڭدا يولۇچىلار مۇلازىمەتچىسى، بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

2017.04.14 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايروپىلاندا يولۇچىلار مۇلازىمەتچىسى بولۇپ، كۆپكۆك ئاسماندا ئۇچقۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، 18-ئاپرېل كېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىڭ.

  مۇخبىرنىڭ 13-ئاپرېل جەنۇب ئاۋىيەتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت 18-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 10:00دا 2017-يىلى باھار پەسىللىك يولۇچىلار مۇلازىمەتچىسى، بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىيەتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا جىنس، كەسىپ، سان چەكلەنمەيدىكەن، ئومۇمەن شەرتكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوشلۇقتىكى يولۇچىلار مۇلازىمەتچىسى بولالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يېشى 25 ياشتىن ئاشمىغانلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا قاتناشسا بولىدىكەن، لېكىن، چوقۇم 2018-يىلى 1-سېنتەبىردىن ئىلگىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. غەيرىي پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە تىزىملاتقۇچىلار دىپلومنى ئېلىپ كېلىش كېرەك ئىكەن.

  بوي ئېگىزلىكى جەھەتتە، ئوغۇللار 175~185 سانتىمېتىر، قىزلار 163~175 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك ئىكەن. بوشلۇق بىخەتەرلىك خادىمى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ئوغۇللار يەنە خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى مەشىق باھالىشىدىن ئۆتۈپ، مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتكە ئېرىشىشى لازىم ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت ۋاقتى 18-ئاپرېل سائەت 10:00دىن سائەت 17:00گىچە بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى قورۇسى ئىچىدىكى جەنۇب ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تىزىملىتىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلۈنىدىكەن. تەكلىپ قىلىنغۇچى يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىنغاندا خىزمەت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى (كونكرېت ئۇچۇرلارنى job.csair.comغا كىرىپ تەكشۈرۈڭ)، سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇر تورىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپىنى سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسى بېتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنگلىزتىلى گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدىكەن، لېكىن، كېيىنكى يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە يېزىقچە ئىمتىھان تەركىبىدە ئىنگلىزتىلى سىنىقى بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغۇچى چوقۇم ئالاقىدار تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر