باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئىنتىلىش

2017.04.14 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ بىر ئايلىق تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داغدۇغىلىق ئىشلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارى ۋە ئىنتىلىشى بارغانسېرى ئاشتى. دۇنيا يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مۇنبەرگە ئايلىنىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا تەشنا.

  ئىنتىلىش ئورتاق تونۇشتىن كېلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئورتاق قاتنىشىپ، 40 نەچچە دۆلەت ۋە تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كەڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىندى. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم 71-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىن قارارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2344-نومۇرلۇق قارارى ماقۇللىنىپ، تۇنجى قېتىم «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ماقۇللاش قاتارلىق رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلىندى. ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان خەلقئارا جامائەت مەھسۇلاتىغا، شۇنداقلا ھازىرقى ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.

  ئىنتىلىش ئۈنۈمدىن كېلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئېلىمىزنىڭ تەشەببۇسى، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. 2016-يىلى، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى6 تىرىللىئون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرى لىنىيە بويىدىكى 20 نەچچە دۆلەت بىلەن 56 ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى بەرپا قىلىپ، جەمئىي 18 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ساھىبخان دۆلەتنىڭ 1 مىليارد 100 مىليون دوللار باج كىرىمى ۋە 180 مىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى. ھازىر جۇڭگونىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈلۈپ، مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىق مۇقىم يولغا قويۇلۇپ، مۇھىم ھەم دەسلەپكى نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر