باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنى تىزىملاش تەرتىپىنى باشلىدى

2017.04.13 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنى تىزىملاش تەرتىپى رەسمىي باشلاندى. تىزىملاش 11-ئاپرېلدىن 16- ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. نامزاتلارنى تىزىملاش ئۇچۇرى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.

  ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىراننىڭ ئاساسى قانۇننى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش كومىتېتى نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى باھالاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش تەرتىپىنى باشلايدۇ، ھەمدە 27-ئاپرېلدىن ئىلگىرى سالاھىيىتى توشقان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

  ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چوڭ سايلام ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى چوڭ سايلىمىدىن ئىلگىرى، نامزاتلارغا 20 كۈن رىقابەتلىشىش ۋاقتى بېرىلىدۇ، سايلام 28-ئاپرېلدىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر