باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساۋفېيدىيەندە 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش- ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن ئۈچى بەرپا قىلىنىدۇ

بېيجىڭدىكى يېڭىلىق يارىتىش- ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىدىن ئۈچ يىللىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.04.14 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تاڭشەن شەھىرىنىڭ ساۋفېيديەن رايونى ئېلان قىلغان «بېيجىڭ ساۋفېيدىيەن ماس تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسى بەرپا قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»دە: بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەر يىغىلغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بايلىقى مول بولغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىكار تۇرغان ئىشخانا بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ ساۋفېيديەن ئىككى جايدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى مەخسۇس مەيدان ۋە مەبلەغ جەھەتتىن پائال قوللاپ، 2020-يىلىغا بارغاندا شەھەر رايونى، تاڭشەن قولتۇقى ئېكولوگىيەلىك شەھىرى ۋە پورت سودا رايونىدا ئايرىم-ئايرىم بىردىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ساۋفېيدىيەن بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، باھالاشتىن ئۆتكەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش سۇپىلىرىغا رايون مالىيەسىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەن بەرپا قىلىش مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، دەپ بېكىتىلگەنلىرى شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مالىيە مەبلىغى ياردەم بېرىش پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا، رايون مالىيەسى شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ياردەم مەبلىغىنىڭ 50 پىرسەنتى بويىچە يۈرۈشلەشكەن ياردەم مەبلىغى بېرىدۇ.

  لايىھەدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش، ساۋفېيدىيەندىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش دەرسى تەسىس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى يېتەكلەش پىلانى»نىڭ يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئوقۇش پۈتكۈزگىلى بەش يىل بولمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ھەمدە ئالتە ئايدىن ئارتۇق مۇقىم تىجارەت قىلغانلار رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىغا ھەر بىر ئادەم 5000 يۈەنلىك، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ كەسىپ تەرەققىياتى باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى تېخنىكا، تۈر، مەبلەغ بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە، 200 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولمىغان خىزمەت سورۇنىغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئۈچ يىل ئىچىدە ئىجارە ئېلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر