باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇيىل %60تىن ئارتۇق نۇقتىلىق كىشىلەر ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالايدۇ

26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلدى

2017.04.14 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 13-ئاپرېل شاڭخەيدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى بۇ يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى 10 تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنىڭ بىرىكەن، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى مەملىكەت بويىچە %85تىن ئارتۇق ۋىلايەت، شەھەردە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، %60تىن ئارتۇق ياشانغان، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ جۇڭگوچە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى سىياسەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. دۆلەت «دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق مۇھىم سىياسەت-ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، ھازىرغىچە 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججىتى ياكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرنى نىشانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق كېلىشىم تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 200 شەھەرنىڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاش نىسبىتى %22.2كە، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ كېلىشىم تۈزۈش نىسبىتى %38.8كە يېتىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بولغان ئىشەنچىسى، رازىلىقى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ھازىر ھەممە يېزا-كەنتتە شىپاخانا بولۇش، ھەر بىر كوچا باشقارمىسىدا بىردىن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى مەركىزى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، %80تىن ئارتۇق ئاھالىلەر 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېقىن داۋالاش نۇقتىسىغا بارالايدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر