باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرى يولغا قويۇلدى

2017.04.13 16:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ‹‹ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرى›› (تۆۋەندە ‹‹تەدبىر›› دەپ ئېلىندى) 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ‹‹تەدبىر›› دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا نوپۇسىدىكى ئاتا – ئانىسى تەڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ياكى بىر تەرەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان، يەنە بىر تەرەپنىڭ ۋەسىيلىك قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ئائىلىلەردىكى 16 ياشقا توشمىغان ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىىسى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن ۋە بۇ خىزمەتكە نازارەتچىلىك ھەم يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

  ‹‹تەدبىر››گە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئاتا – ئانا ۋە ۋەسىيلىكنى ئۈستىگە ئالغۇچى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزسە، مەھەللە (يېزا)، ج خ ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەيدىكەن ۋە بۇنداق قىلمىشلارنى توسۇيدىكەن، قىلمىشى ئېغىرراق بولۇپ، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالدۇرۇلغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى ئالدىنئالا يۇقىرىغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن. يەنى ئاتا – ئانىلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن ئۆيدە قالىدىغان بالىنىڭ ۋەسىيلىكىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى مەھەللە( يېزا) گە دوكلات قىلىدىكەن، مەھەللە (يېزا) بۇ ئەھۋاللارنى تىزىملاپ ۋە ۋەسىيلىكنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە بېقىش ئىقتىدارىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، باشقۇرۇش كومىتېتى (كوچا باشقارمىسى، يېزا – بازار)غا دوكلات قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر