باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 47 يىلدىن بۇيان 106 قېتىم ئۈچ بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن

2017.04.13 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەقىقىي تۈردىكى تىك يۆنىلىشلىك ئاستى قاتلامدىكى يەر تەۋرەش ئانچە كۆپ يۈز بەرمەيدىكەن. لېكىن، ئۈرۈمچى ئەتراپىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۈز بېرىدىغان ئۈچ بالدىن 3.9 بالغىچە يەر تەۋرەش نورمال ئىش ھىسابلىنىدىكەن، شۇڭا، شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ھۇدۇقۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1970- يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى رايونىدا (ھازىرقى مەمۇرىي رايونلار بويىچە ئايرىغاندا) 106 قېتىم ئۈچ بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 4.0 بالدىن 4.9 بالغىچە يەر تەۋرەش 17 قېتىم يۈز بەرگەن، 5.0 بالدىن 5.9 بالغىچە يەر تەۋرەش ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن. تارىختا، 1900- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە، ئۈرۈمچى رايونىدا يەنە ئالتە قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن ئىكەن.

  بۇلارنىڭ ئىچىدە، 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 13دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 43.8 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.6 گىرادۇس)تا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش مەركىزى خەلق باغچىسى ئەتراپىدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر