- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەيلىك كارخانىچىلار خوتەندىكى دېھقانلارغا ياردەم بەردى
2017.04.12 16:02 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: دېھقانلار ۋەكىلى شاڭخەي جوڭيى پەن-تېخنىكا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ياردەم بەرگۈچى كارخانىچىلار ۋەكىلىگە رەھمىتىنى ئېيتماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرىل، شاڭخەي لۇجيازۈيپۇل مۇئامىلە كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى بىلەن خوتەن ناھىيەسى ئىناق يېڭى كەنتىنىڭ بىرگە بىر ياردەم بېرىش بويىچە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (توغانباغ رايونى)دا ئۆتكۈزۈلدى. كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىدىكى 200 كارخانىچى ئىناق يېڭى كەنتىدىكى 200 ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى. شاڭخەي لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى زېڭ لىڭۋېي بۇندىن كېيىن ھەر بىر دېھقاننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە شاڭخەي قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونلىرىغا كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر