باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ۋەقەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى

2017.04.12 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاپرىل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىر قېتىم ۋەقە تۇغدۇرۇپ، رۇسىيەگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، رۇسىيە ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، سۇرىيە خىمىيەلىك قورال ۋەقەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كرېمل سارىيى تور بېكىتىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن زىيارەتكە كەلگەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھازىر ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىر قېتىم ۋەقە تۇغدۇرۇپ، رۇسىيەگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. رۇسىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ۋەقەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش كېرەك، رۇسىيە بۇ ئىش بىلەن ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشنى خالايدۇ، رۇسىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە كەلگۈسىدە يەنە ئىجابىي يۈزلىنىش كۆرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر