باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-ئاپرىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ھەقسىز مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ

كارخانىلارنىڭ 100 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي يۈكى يەڭگىللەيدۇ

2017.04.12 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قېتىملىق قارارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا، ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيەت باھالاش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىراجىتىدىن (پىششىقلانغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىجازەت بېرىش گۇۋاھنامە تەكشۈرۈش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھاۋالە قىلىش-تەكشۈرۈش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىش توختىتىلدى، يەنى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەققى، غەيرىي مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ھەق ئېلىشنى مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشقا كىرگۈزۈشكە، كارخانىلارغا مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا ھەمدە ھەق تۆلەشكە مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، «مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرى مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن سودا راسچوتى، مۇداپىئە بىخەتەرلىك، سەھىيە داۋالاش، مۇھىت كۆزىتىش خىزمىتى ئۆلچەم ئەسۋابلىرى، شۇنىڭدەك جامائەت ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرى، كارخانىلارنىڭ ئالىي ئۆلچەملىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالاقىدار ھەق ئېلىش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلار ئۈچۈن 100 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي يۈكنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر