باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)»نى تارقاتتى

2017.04.13 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدى بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزى كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)»(تۆۋەندە «نىزام»دەپ قىسقارتىلىپ ئېلىندى) نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى:پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي ئورگىنى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، پارتىيە رەھبەرلىكىنى يولغا قويىدىغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان، پارتىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجرائىيە ئورگىنى، بۇ خىزمەت ئورگانلىرى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش،ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ھەر قايسى مەزگىللەردە مۇھىم رول ئوينىغان. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەمىز نۇرغۇن يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىچە ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئورگانلىرى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:«نىزام» پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ئاساس شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە، پارتىيە تەشكىلاتى خىزمەت نىزامى، جايلاردىكى پارتكوملارنىڭ خىزمەت نىزامىدىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەشكىلىي تۈزۈم ئاساسىي مۇستەھكەملەپ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر