باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر پارلامېنتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئۈچ ئاي جىددىي ھالەت يولغا قويۇشنى ماقۇللىدى

2017.04.12 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر پارلامېنتى شۇ كۈنى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۈچ ئاي جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇشنى ماقۇللىغان.

  مىسىر زۇڭلىسى ئىسمائىل شۇ كۈنى پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، جىددىي ھالەتنى يولغا قويغاندا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تېخىمۇ جانلىق ھالدا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

  مىسىرنىڭ شىمالى قىسمىدىكى شەھەر تانتا ۋە ئالېكساندىرىيەدە 9-ئاپرىل ئاپرىم-ئايرىم چېركاۋغا قارىتىلغان پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 44 كىشى قازا قىلدى، 100 نەچچە كىشى يارىلاندى. ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر