باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىندە چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش گۇۋاھنامىسى بېجىرسە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدىكەن

2017.04.13 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاپرېلدىن باشلاپ، تيەنجىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى «چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىش»نى رەسمىي يولغا قويدى. تيەنجىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىشنى باشقۇرۇشتىكى بارلىق تارماقلاردا «شەخسىي ئىش پاسپورتى»، «شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا بېرىپ كېلىش يولى خېتى» ۋە «چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىنىڭ تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتى» دېگەندەك گۇۋاھنامىلارنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار بېجىرىش ئورنىدا قوبۇل قىلىنغاندا، «چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىش» تۈرىنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدىكەن، ئەۋەتىپ بېرىش دائىرىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ بارلىق مەمۇرىي رايونىنى قاپلايدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنىڭ %100 بىخەتەر ۋە تېز يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «چېگرادىن كىرىش-چىقىش كىنىشكىسى»نى پوچتا ئارقىلىق سېلىشتا مەخسۇس ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇدىكەن، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان بىر ئايدىن بۇيان، 23 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچى بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسلىدىكى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك ئىسپات ئېلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كۆزنىكىدە كىنىشكا ئېلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ياكى ئۆزى بېرىپ ئېلىۋېلىشنى ئۆزى تاللىسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر