باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت 69 دېلو ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.04.13 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاپرېل، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت 69 دېلو ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەزكۇر دېلولار ئىچىدە، «دۆلەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «مېيىپلار ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» قاتارلىق خەلقنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئىشلىتىۋالغان دېلودىن 35ى بار بولۇپ، بۇ خىل دېلولار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولارنىڭ ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگەللىدى؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە چېتىلىدىغان خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىدىن 6ى بار، مەسىلەن، «نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان»، «نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان»، « نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ساختىپەزلىك قىلغان» دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر