باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

2017.04.13 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن ترامپ بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشكەنلىكىمىدىن خۇرسەند بولدۇم. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن يېقىندىلا مارئالاگو قۇرۇقىدا ئۇچرىشىپ مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدۇق، بۇنىڭغا جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىجابىي باھالارنى بەردى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مارئالاگو قۇرۇقىدا يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسۋىتى ۋە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتى، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. كېيىنكى قەدەمدە ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى جەھەتتە سۆزلىشىش، ئومۇمىيۈزلۈك ئىقتىسادىي جەھەتتە سۆزلىشىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە سۆزلىشش، ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى جەھەتتە سۆزلىشىشتىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلىشىش مېخانىزىمى ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق «100 كۈنلۈك پىلانى»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، تور، ئادىمىيەت جەھەتلەردە ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىرلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، بالدۇرراق كۆپرەك نەتىجىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭىچە كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت كوللىكتىپلىرى قۇيۇق ھەمكارلىشىپ، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنى مۇشۇ يىل ئىچىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ مول نەتىجىلەنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر