باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرس دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

دەرس ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ھەر مەۋسۈمدە تۆت سائەتتىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

2017.04.12 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى يېقىندا بىرلىكتە تارقاتقان «مەكتەپلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەر مەۋسۈمدە تۆت سائەتتىن ئاز بولمىغان ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى دەرسىنى تەسىس قىلىشى ھەمدە دەرس ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ياخشى بولغان مەكتەپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

  دەرس ئوقۇتقۇچىسى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى ۋە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تاللاپ، ئوت ئۆچۈرۈش يېتەكچىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش دەرسى لېكتورىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  دەرسلىك جەھەتتە، ئاپتونوم رايون قېچىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئاساسىي بىلىملىرى، تارقاقلاشتۇرۇش، قېچىش ماھارىتى، ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىكنى تۈزۈپ سەپلەپ، %60 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن ئوت ئۆچۈرۈش دەرسلىكى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر