باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول فوندىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى يولغا قويۇلدى

2017.04.12 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان جامائەت پاراۋانلىق تۈرى «يېشىل تام پىلانى» 10- ئاپرېل بېيجىڭدا باشلاندى. بۇنىڭدا، مەزكۇر پىلاندا يىراق تاغلىق رايوندا ۋە نەتىجىسى ئەلا بولغان ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپ تېپىش مۇھىتىنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىنغان.

  «يېشىل تام پىلانى» مەكتەپنىڭ توپىلىق توپ مەيدانىنى سۈنئىي چىملىققا ئۆزگەرتىش، ئاساسىي قاتلام تىرېنېرلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى پۇتبول مەشىقى جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە نەتىجىسى مۇنەۋۋەر توپ كوماندىسىنىڭ چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر مەشىقلەندۈرۈش لاگېرلىرىغا بېرىپ مەشىق قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «يېشىل تام پىلانى» يەنە شۇلارنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇكى، ئۈچ يىل ئىچىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى ياقا رايونلاردا 100 مۇنەۋۋەر كوماندا بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېشىل تاملىق توپ مەيدانلىرى قۇرۇپ چىقىلسا ئىكەن، ھەمدە بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان پۇتبول جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلىگىلى بولسا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر