باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بىرىنچى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش سۇپىسىغا ئۇلاشنى تاماملىدى

ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق 18 ئۆلكىدە كېسەل كۆرسىتىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلغىلى بولىدۇ

2017.04.13 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2011-يىلى 10-ئايدىن ئېتىبارەن پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن بۇيان، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىزچىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. 12-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاپرىلغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز 18 ئۆلكە، شەھەر بىلەن ئۆزئارا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىستېمىسىگە ئۇلانغان.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتى نۇقتىسىدىن 229ى بار بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تېز سۈرئەتتە بېجىرىشى ۋە قولغا ئېلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 374 مىڭ بولۇپ، يىللىق كارتا بېجىرىش ۋەزىپىسىنىڭ %33ى تاماملاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي بېجىرىلگەن كارتا 12 مىليون 444 مىڭ بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى تۈزۈم بويىچە يېتەكلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بىۋاسىتە راسچوت قىلغىلى بولىدىغان 18 ئۆلكە، شەھەر بولسا خېبىي، يۈننەن، خەينەن، سەنشى، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، نىڭشيا، شەنشى، تيەنجىن، شەندۇڭ، گۈيجۇ، خېنەن، جېجياڭ، ئەنخۈي، چىڭخەي، جىلىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر