12- ئاپرېل، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خادىملىرى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەۋەر ئېلان قىلىپ، يېقىندا خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، 12- ئاپرېل سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل ماينىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 يۈەن ۋە 190 يۈەن ئۆسكەنلىكىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى