باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتى تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، «تۆتكە يۈزلىنىش، تۆتنى قىلىش» نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى

2017.04.13 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتى 13-فېۋرال پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە «<تۆتكە يۈزلىنىش، تۆتنى قىلىش> نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇش تەشەببۇسنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، «تۆتكە يۈزلىنىش، تۆتنى قىلىش» نى كەسىپ ئۈلگىسى قىلىپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتى مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئاڭلىق ئەگىشىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجابىي تەرەپلەرنى تەشۋىق قىلىش، قىزىق نۇقتا ئارقىلىق يېتەكلەش، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جەمئىيەنى يېتەكلەيدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ ۋە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، كەسىپ ئېڭى، بىرلەشتۈرۈش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزۈلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپتە كۈچلۈك ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئىستىلى ياخشى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئەخلاق كومىتېتى 13-فېۋرال يەنە باھالاش يىغىنى ئېچىپ، «ئىقتىساد گېزىتى»، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»، خەلق تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ بەش تاراتقۇسى ۋە نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ 2016-يىللىق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالىدى. بۇ، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان، تاراتقۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى خىزمىتىنى 4-قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر