خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىراننىڭ تېھراندا، بىر ئەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تىزىملاتماقتا.
ئىراننىڭ 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتىنى تىزىملاش تەرتىپى رەسمىي باشلاندى، تىزىمغا ئالدۇرۇش پائالىيىتى 11- ئاپرىلدىن 16-ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىران ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتىتېنىڭ تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى باھالايدىغانلىقىنى ھەمدە 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇن لاياقەتلىك نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى