باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ۋەكىلى، خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭ لوڭ ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى خاتىرىلەندى

2017.04.13 15:06   مەنبە: خەلق تورى

دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ۋەكىلى، خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭ لوڭ ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى خاتىرىلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋىرى) 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى لوڭزېشىن مەكتىپىدە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئوقۇغۇچىلاردا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ۋەكىلى، خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭ لوڭ ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى داغدۇغلۇق خاتىرلەندى.

  ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى لوڭزېشىن باشلانغۇچ مەكتىپى 2005-يىلى 4-ئايدا دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ۋەكىلى، خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭ لوڭ ئەپەندىنىڭ 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلۇپ، 10-ئايدا رەسمىي ئوقۇش باشلانغان. ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 1000 يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار كىيىم-كېچەكلىرى تارقىتىپ بېرىلگەن.

  شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ 2006-يىلى 6-ئايدا ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك، 2007-يىلى 10-ئايدا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرىنى؛ 2008–يىلى 10-ئايدا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قىشلىق كىيىم-كىچەك، 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرىنى ؛ 2010-يىلى 9-ئايدا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سۈت، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق نەرسىلەرنى؛ 2012-يىلى 11-ئايدا 220 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قىشلىق كىيىم-كىچەك ئىئانە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەن.

  تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، چېڭ لوڭ ئەپەندى ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى لوڭزېنشىن باشلانغۇچ مەكتىپىگە ھازىرغىچە 1 مىليون 540 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.

  ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى لوڭزېشىن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئۆمەرجان رۇزى مۇنداق دېدى: بۈگۈن چېڭ لوڭ ئەپەندىنىڭ 63 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، ئۇنىڭ بىزگە ئۇزۇندىن بۇيان قىلىۋاتقان ياردىمىگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ