باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى 3 مىليارد 334 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 13 ۋىلايەت، شەھەردىكى 77 جايغا ئۆي ئاپتوموبىلى لاگىرى سالىدۇ

2017.04.13 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاپرىل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگىرىنى قۇرۇش تۈرىنىڭ مەبلەغ ياردىمى لايىھەسىنى مۇۋاپىق تۈزۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ ئىستاتىستىكا قىلغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇشۇ خىل لاگىردىن 10 جايدا قۇرۇلۇپ بولغان، 30 جايدا قۇرۇلۇۋېتىپتۇ، ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ كەلگۈسىدىكى ئىككى يىلدا يەنە 3 مىليارد 334 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جەمئىي 77 جايدا ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرى سېلىش پىلانلانغان. شۇ ۋاقىتتا، شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلايدىكەن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتا ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى داڭلىق ماركا يارىتىشقا ياخشى ئۇل سالغىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر