باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەتتە كارخانا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە «قارا تىزىملىك» تە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2017.04.13 16:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتە كارخانا 2017-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ناچار خاتىرىسى بولغان كارخانىلارنى «قارا تىزىملىك» تە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەتتە كارخانا ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ بىرلەشمە مۇھىت قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە تارماق شىركىتى، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت ۋە سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش بازىسى، يېڭى شەھەر رايونى نىڭبو كوچىسى فۇلېچۈەن يۇيۇنۇش ئورنى، يېڭى شەھەر رايونى جىنخۇا يولى بىشۈي لەنتيەن مېھمانخانىسى، شىنجاڭ فېڭيۈەن شىركىتى شىنچېڭشېڭ تۈرلۈك ماللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىكەن. «قارا تىزىملىك» تە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئۈرۈمچى كارخانىلار ئىناۋىتىنى بىرلەشمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بۇنىڭغا نىسبەتەن بىرلەشمە جازالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

  بەلگىلىمە بويىچە «قارا تىزىملىك» بويىچە باشقۇرۇش قەرەلىدە كارخانىلارغا قارىتا يېڭى تۈرلەرنى تەستىقلاش، يەر ئىشلىتىش، كان قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ ۋە مالىيە-باج سىياسىتى ياردىمى قاتارلىق تەدبىرلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ ياكى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ بانكا قەرز بېرىش-بەرمەسلىكىنى قارار قىلىشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «قارا تىزىملىك» تە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورۇنلىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن بۇ يەتتە كارخانىنى باشقۇرۇش قەرەلى بىر يىل بولۇپ، 2017-يىل 1-ئاپرېلدىن 2018-يىل 31-مارتقىچە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر