باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو نېپالنىڭ يەرلىك سايلىمىغا ياردەم بەرگەن تۇنجى ماددىي ئەشياسى كاتماندوغا يېتىپ باردى

2017.04.13 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كومپيۇتېر ۋە قەلەم قاتارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرى قاچىلانغان مەخسۇس ئايروپىلان 12-ئاپرېل نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندوغا يېتىپ باردى. بۇ جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ يەرلىك سايلىمىغا ياردەم بەرگەن تۇنجى ماددىي ئەشياسى.

  جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇ خوڭ، سودا باشقارمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى پىڭ ۋېي قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. يۇ خوڭ ئايرودۇرۇمدا نېپال سايلام كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارىغا سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېپال ئەمەلدارى بۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  نېپال 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەملىكەت دائىرىسدا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزمەكچى. ئىگىلىنىشچە، سايلامنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نېپال جۇڭگو، ھىندىستان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ماددىي ئەشيا ۋە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر