باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېخ پاسخا بايرىمى مەزگىلىدە ئامانلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىدۇ

2017.04.13 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېخنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خۇرۋاس 12-ئاپرېل، پاسخا بايرىمى مەزگىلىدە چېخنىڭ ئاپتوماتلىق 500 ئالاھىدە ساقچىنى كۆپەيتىپ، كىشىلەر كۆپ بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا يەنە 600 ئەسكەرنىڭ زۆرۈر تېپىلغان ساقچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىشدىن ئاساسلىق مەقسەت ئالدىنى ئىلىش، چۈنكى چېخنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر يوق. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاسخا بايرىمى مەزگىلىدە يوللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر