- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى:
بىراۋنىڭ «ياشانغانلارنى كۈتۈش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كارتىسى» تارقىتىشنى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
2017.04.14 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى 13-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا بەزىلەرنىڭ ياشانغانلارغا «ياشانغانلارنى كۈتۈش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كارتىسى» تارقىتىشنى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمىگەنلىكى، جامائەتنىڭ ھەرگىز ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ئېيتتى.
باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا، قىسمەن ياشانغانلار بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دەپ، 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرگە «ياشانغانلارنى كۈتۈش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كارتىسى» تارقىتىشنى باھانە قىلىپ، ياشانغانلارنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «ياشانغانلارنى كۈتۈش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كارتىسى»نى ھەقسىز ئېلىۋېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمىگەن، بۇ تىپىك ئالدامچىلىق قىلمىشى. كەڭ جامائەتنىڭ بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قالماسلىقى، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر