باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە دورتمۇندتىكى پارتلىتىش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى

2017.04.14 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى 13-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، دورتمۇند پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 26 ياشلىق ئىراق تەۋەلىكىدىكى جىنايەت گۇماندارى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتا «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن ئالاقە ئورناتقان، كېيىن 10 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر كىچىك ئەترەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، شۇ جايدا تۇتقۇن قىلىش، قاقتى- سوقتى قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. 2016- يىلىنىڭ بېشىدا، بۇ جىنايەت گۇماندارى تۈركىيە ئارقىلىق گېرمانىيەگە كەلگەن، كېيىن يەنىلا «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى يەنە بۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ دورتمۇند پۇتبول كوماندىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

  11-ئاپرىل كەچتە، دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ئاپتوبۇسى مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ توپ مەيدانىغا بېرىش يولىدا، پارتلاتقۇچ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئاپتوبۇستىكى بىر ماھىرنىڭ قول بېغىشى چېقىلغان ئەينەك پارچىسىدا يارىلاندى ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، پارتلاشنى يول بويىدىكى چىتلاق ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان پارتلىتىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈچ دانە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، زەربە نىشانى دورتمۇند پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەن.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە تەپتىش تەرەپنىڭ باياناتچىسى فراۋك كوخلېر 12-ئاپرىل مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش خادىملىرى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدا ئۈچ پارچە خەت بايقىغان بولۇپ، خەتنىڭ مەزمۇنى بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش مۇددىئاسى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەردى، لېكىن «ھۇجۇمنىڭ ئېنىق مۇددىئاسى يەنىلا ئېنىق ئەمەس».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر