خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 13- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىرى لەنجۇ پويىز ئىستانسىسىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنى يالاپ ئېلىپ ماڭماقتا. گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىگۇ تارماق ئىدارىسى 13-ئاپرىل ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ ئىدارىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى يېقىندا بىر پەۋقۇلئاددە زور زەھەر توشۇپ سېتىش شايكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، بەش جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى، جەمئىي 20.26 كېلوگرام كېلىدىغان 52 پارچە خروئىننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى