باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى گۇۋاھنامە، ئىلمىي ماقالىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ

ئاددىي ھالدا گۇۋاھنامە، پاتېنت، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلارنى تىزىملىتىش شەرتى قىلىشقا بولمايدۇ

2017.04.14 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى گۇۋاھنامە، كەشپىيات، پاتېنت، ئىلمىي ماقالىنى ئېلىپ سېتىش ۋە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، «مەنپەئەت زەنجىرى»نى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاددىي ھالدا مۇسابىقە گۇۋاھنامىسى، كەشپىيات، پاتېنت، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلارنى تىزىملىتىش شەرتى قىلىشقا بولمايدۇ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالاقىدار پەن، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە تەربىيەلەش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تىزىملىتىش شەرتىنى ئىلمىي مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىدارىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ساختا ئىلتىماس ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى مۇناسىپ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى مۇناسىپ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ساختىلىق قىلىشىغا ياردەم بەرگەن مەكتەپ، ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ئالاقىدار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىدە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلماي، بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر