باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

−ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل تۈزىتىش مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2017.04.14 14:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەسىلىسىنى تۈگىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانغا كۈچەپ يېتىشنى قارار قىلدى.

  سۆزنى ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىدە «ئۆگىنىش» −− ئاساس: بۇ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مول مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تونۇش بىلەن يېڭىچە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  سۆزنى ئۆگىنىش بىر قېتىملىق ئىقتىدار «يېتىلدۈرۈش» ۋە روھىي جەھەتتىكى بىر خىل «زەرەتلەش» بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قېتىملىق پارتىيەۋىلىك سىنىقى ۋە ئۆز - ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتۇر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېزدىن سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي تېكىستى بويىچە ئۆگىنىش، تەكرار چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن ئاڭلىق ھالدا مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 2 - ئاينىڭ 17- كۈنى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى تۈگىتىپ، يامان ئىللەتلەرنى بىر قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چوڭ تەكشۈرۈپ ئوڭشاش ۋە تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى؛ شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىنى لېكسىيەگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى؛ 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى بويىچە ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆگىنىشنىڭ نىشان تەلىپى، تۈپ پىرىنسىپى، ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا قاراشلىق تارماقلارنىڭ ھەرىكىتى تېز، ئىلگىرى سۈرۈشى كۈچلۈك، تەدبىرى ئۈنۈملۈك بولدى، پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا ئىستىلنىڭ ياخشىلانغانلىقى نامايان بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس پائالىيەتنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە مۇزاكىرە قىلىش تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇلغان كىتابلار تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئۆگىنىش قوللانمىسى تۇتۇپ، ھەر كۈنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش ۋاقتى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقنى تەلەپ قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، 23تۈرلۈك جەزمەن ئۆگىنىدىغان مەزمۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر ئايدا يېپىق يازما ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

  ئونسۇ ناھىيەسى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا «پارتىيەلىك كادىرلار <سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش> مەخسۇس پائالىيىتى بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش توغرىسىدىكى بىلىشكە، ئۆزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىملەر توپلىمى» ۋە «قىسمەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ تىپىك دېلولىرىدىن تاللانما»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم 9300دىن كۆپرەك كادىرنى مەركەزلەشتۈرۈپ سىناق ئېلىشقا تەشكىللىدى.

  ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش

  پارتىيەنىڭ ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، ئەلنىڭ رايىغا، پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىدە «ياخشىلاش» −− ئاچقۇچ: شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تىنچلاندۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپ ۋە ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىش»تەك ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش روھى بىلەن «تۆت خاھىش» ۋە «تۆت كەيپىيات»قا قول سېلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ھازىرقى ئىستىل جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، دائىملىق، ئىنچىكە، ئۇزاق مۇددەت تۇتۇشتا، ئىنچىكە، كىچىكىدىن، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى جايىدا ئېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمر - پەرمانلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت بىلەن تەدبىرنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى؛ ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى؛ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي خىسلەتنى داۋاملىق ساقلىدى؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق ئىستىلىنى قاتتىق توستى؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق «تۆت خاھىش» ۋە «تۆت كەيپىيات»قا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «<سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش> مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كونا مەسىلىلەر ۋە ياتلاشقان يېڭى مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىش، ئەزالىق كارتىسى، تۈرلۈك ئارامخانا ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنى يوشۇرۇشتەك چىرىكلىشىش قىلمىشى، «بايرام كېسىلى» ۋە ئادەمگەرچىلىك ئىستېمالى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان «ئون چوڭ تۈزەش»نى يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى نارازەتچىلىكىدىكى «تۆت ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلاردىكى ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەتتى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. 3 - ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، يېزا كوللېكتىپ يېرى، مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە ئەۋەتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 30- كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆز - ئۆزىنى تۈزىتىش ئاساسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى چۈشەندۈرسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەتسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلىۋالغان مەبلەغ ۋە يەرنى قايتۇرسا، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ؛ ئۆز سەنىمىگە دەسسىگەن، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، تەشكىل بىلەن قارشىلاشقانلار قاتتىق جازالىنىدۇ؛ ئەينەن ئەھۋالنى يوشۇرغان، قەتئىي تۈزەتمىگەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىدى.

  ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىش

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىدە «ئىلگىرى سۈرۈش» −− مەقسەت: پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل، قەيسەرلىك ۋە قەتئىي بوشاشماستىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك شىجائەت بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ئالتە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتى، جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيەدە ئەھمىيەت بەرمىگەن، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن، ئىستىلى تۇراقسىز، سىياسەت رامكا ئىچىدە قالغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىستىل مەسىلىسى بويىچە رەتكە تىزىش تۈزۈمىنى تەسىس قىلدى ھەم ھەر ئايدا ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي رەت تەرتىپى ئارقىدىن سانىغاندا كېيىنكى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» ۋە «نۆل» دەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» بىلەن سۆھبەتلەشتى؛ ھەر ئىككى ئايدا ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مۇزاكىرە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش خىزمەت ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى مەركەزلىك رەتكە تۇرغۇزۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈردى؛ ھەر پەسىلدە بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، مالىيە، باج ، ج خ، ئىقتىسادىي تەپتىش، نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى بىر تۇتاش جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» ۋە مەخسۇس ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» 1 - مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر باشلامچىلىق قىلىپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە ئۈلگە كۆرسىتىش، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىغا ئېرىشىپ، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر