باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى: ئېكسپورتتا جۇڭگو يەنىلا بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى

2017.04.14 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئاپرېل سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( WTO ) شۇ جاي ۋاقتى 12- ئاپرېل كەچتە 2016- يىللىق پۈتۈن يەر شارى سودىسى ئىستاتىستىكادوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى، دۇنيا مال سودا سوممىسىنىڭ تۆۋەنلىشىش ئەھۋالى بىر ئاز پەسەيگەن، لېكىن جۇڭگو ئېكسپورتتا بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. 2017- يىلى، دۇنيا مال سودا مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈمىد بار، ئەمما، تۇراقسىزلىق يەنىلا بىرقەدەر كۆپ.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى، دۇنيا مال سودىسىدىكى ئېكسپورت سوممىسى 15 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، %3.3 تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت سوممىسى 15 تىرىليون 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، %3.2 ئازايغان. ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئىككى تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %13.2نى ئىگىلىگەن، ئىمپورت سوممىسى بىر تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئېلىمىز ئۇدا سەككىز يىل دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ مال سودىسى ئېكسپورت دۆلىتى ۋە ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتىلىك ئورۇننى ساقلاپ قالغان. دوكلاتتا، 2017- يىلى، دۇنيا سودا مىقدارىنىڭ %2.4 ئاشىدىغانلىقى، گەرچە 2016- يىلىدىكى ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئوتتۇرىچە %5تىن يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىدىنمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر