باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات پىلانى (2016-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.04.14 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات پىلانى (2016-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ رايونلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ياشلار گۈللەنسە، مىللەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەتنىڭ ئاساسىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات باش نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە، ئېلىمىز ياشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پىلان تۈزۈلدى.

  بۇ پىلاندا كۆرسىتىلگەن ياشلار-14 ياشتىن 35 ياشقىچە (پىلاندىكى نىكاھ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغانلىرىدا، ياش چەكلىمىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزام بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ).

  2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە ياشلار تەرەققىيات سىياسىتى سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاسى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدىكى جەڭگىۋارلىق، زەربىدارلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. 2025-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە ياشلار تەرەققىيات سىياسىتى سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ماسلىشىشچان، مۇۋاپىق، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان ياشلاردىن بولۇپ يېتىلىپ،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر