باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىش كېرەك

2017.04.14 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ جەنگۇڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىش»توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ قولغا كەلتۈرگەن ياخشى ئۈنۈملەرنى تونۇشتۇردى. شۆھرەت زاكىر «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەسىر كۈچى، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش كۈچى، خاس مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىستىلغا يېتەكچىلىك قىلىش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت ۋە جامائەت پىكرى كەيپىياتى ياراتتى. شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىش»جەھەتتە دۇچ كەلگەن ئالاھىدە خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى تونۇشتۇردى ھەم ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لۇ جەنگۇڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەدەنىيەت، ئىدىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ، سىرت بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتىنى تىرىشىپ ياراتتى.

  لۇ جەنگۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب - كۈچ مۇجەسسەملەشنىڭ ئىدىيەۋى كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، ئاساسى، كۈچى. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرۇلغان، ئېچىۋېتىلگەن بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى جۇڭگو ھېكايىسىگە سىڭدۈرۈش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش − مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ مۇزاكىرە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشىمىز.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن خۇ جېنمىن، ما دېشيۇ، ۋاڭ چۈەنشۇ، سۇڭ بىڭ، جاڭ ليەنجېن، ياڭ شېڭچۈن، ساۋ يۈمىن، سەي ئېشېڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جەرۇللا ھېسامىدىن، قادىرقان مىراسقان، مۇتەللىپ مەتتوختى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر