باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر كادىرلار ئۆزىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىق

2017.04.14 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىنلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغان، بىر جان، بىر تەن، ھەمنەپەس، تەقدىرداش ۋە قەلبداش بولۇپ، ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە ئاچقان ۋە قۇرۇپ چىققان. تارىختا تاشقى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەر مىللەت خەلق قېرىنداشلاردەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقان. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى كۈشكۈرتۈپ، «غازات»نى تەرغىب قىلىپ، مىسلىسىز پاجىئەلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»ىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇش، دۆلەت ۋە خەلققە سادىق بولۇش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا خاس روھىي جاسارەت نامايان قىلىنغان. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزگە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

  كومپارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا ياشاپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار مېنىڭچە قەيسەرلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك ئاڭلىق سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تارىخىي بۇرچ ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.

  ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، بۈگۈننى قەدىرلەش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش − ئاسىيلىق قىلغانغا باراۋەر». شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن خېلى يىراقتا بولسىمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا كۆڭۈل بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە ساقلاپ، ئۇلارغا باشتىن - ئاخىر ئەتراپلىق، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. قەشقەر ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ئاچ - يالىڭاچ يۈرۈشتىن ھازىرقى قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشقىچە، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆي، پاتقاق يوللاردىن ھازىرقى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى ۋە كەنت - كەنتلەرگە تۇتىشىپ كەتكەن ئاسفالت يوللارغىچە، ئىلگىرىكى داۋالىنالماسلىق، ئوقۇيالماسلىقتىن ھازىرقى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ھەقسىز «قوش تىل» مائارىپىغىچە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 205تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا. ھازىر كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر توكسىكلىت، موتوسىكلىت، تىراكتور، ھەتتا پىكاپ سېتىۋالدى، ئاشلىق تېرىسا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئائىلىنىڭ بانكىدا ئامانەت پۇلى بار بولدى. ئۇيغۇرلاردا «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى، سايىدىغاندا دەرەخ تىككۈچىنى ئۇنتۇما» دەيدىغان ماقال بار. ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولۇش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە شۇنداق قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىيارەت قىلىش كونكرېت تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قەتئىي، ياخشى، تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. چىن يۈرىكىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز ۋە تولۇق مېھىر - مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى قوزغاپ، دادىللىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋە كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، «پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاڭلىق ھالدا چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىشقا ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت جەريانىغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتەك مۇقىملىقنى قوغداش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ھەرگىز جەڭدىن قايتماسلىق» ئىشەنچى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىمىز بىلەن بېكىتىلگەن نىشانغا يېتىشىمىز كېرەك.

  بايراق ۋە ئۈلگە بولۇش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تۈزەش كۈرىشىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئوتتۇرىغا چىقىپ پاش قىلىپ، خەلق ئارىسىدا پېتىراپ يۈرگەن يامان كىشىلەرنى تارتىپ چىقىپ، پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، قەتئىي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ھەقىقىي يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدىكى ياخشى ئىستىل بىلەن ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىمىز ۋە چاقىرىق قىلىش كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ۋە ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوزغاپ، ئاممىغا تايىنىپ، قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق زوراۋان - تېررورچىلارنى «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر - ئۇرغا قاپتۇ» دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ، يوشۇرۇنىدىغان جاي قويماي، ئۇلارنى كۈلدەك توزىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر