باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر كادىرلار بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى(نازىر دەرىجىلىك) جېلىل ناسىر

2017.04.14 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا ئاددىي ۋە ئۆتكۈر سۆزلەر، چوڭقۇر ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىق، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ خاس روھىي جاسارىتى نامايان قىلىندى. «مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا». شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر كۈرەش، بەزىدە ئۇ ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. ئالاھىدە سىياسىي سىناق ئالدىدا بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەكمۇ ياكى جاھاننىڭ رەپدارىغا كىرىۋېلىپ، سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سىياسىي سوئال، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، مىللىي ھېسسىياتى، ھەق - ناھەق ئۆلچىمى، ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتكە ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى سىنايدىغان «سىناق تاش»، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بۇ جەھەتتە بىزگە ئۈلگە بولدى.

  پارتىيە كۆپ يىللاردىن بېرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى، شۇنداقلا مېنىڭ ھازىرقىدەك ئىلگىرىلىشىم بولمايتتى، دەپ قاراپ كەلدىم. مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قايسى جايدا بولاي، قەلبىمدە باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە بولغان تەڭداشسىز چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى، ۋەتەنگە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇيۇمنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چەكسىز ھېسسىياتىمنى ساقلاپ كەلدىم. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش سىنىقى ئالدىدا، ئۇيغۇر كادىرلار باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى»نى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، پارتىيە، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئاۋانگارت جەڭچى»لىك ماھىيىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش رەزىل نىيىتى ئالدىدا بىز ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، پارتىيەگە كىرگەن چاغدا قىلغان قەسىمىمىزنى باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مۇتلەق سادىق بولۇپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى، پوزىتسىيەسى ھەر مىللەت ئامما ۋە جەمئىيەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز چوقۇم سىياسىي جەھەتتە زېرەك بولۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىمىزنى ئۆزىمىزگە بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەك بولۇپ، پارتىيەۋىلىكىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى، روھىمىزنى دائىم تازىلاپ تۇرۇشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرماي، ھەر قانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، قەتئىي شەخسىي غەرەزگە بېرىلمەي، «ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا» بولىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن بولماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىقتىدار مەشىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭ تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشاننى ئىگىلەش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي خەۋپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمىز، ھەق - ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىمىز، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەيلى يۇقىرىدا ياكى تۆۋەندە بولايلى، قاچان، قەيەردە بولايلى، بولۇپمۇ بەزى ئالاھىدە سورۇن ۋە كۆپ ئامما قاتناشقان پائالىيەت سورۇنلىرىدا بولايلى، خاتا قاراشلار بىلەن بىر ئېقىمدا ماڭماسلىقىمىز، ئاتالمىش «چېكىنىش يولى» قالدۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق سىياسىي پەزىلىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  دادىل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» ئاممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان جىددىي خىرىس ئالدىدا، ئۆزىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەر خىل خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ئۇستاتلىق بىلەن قىلىنغان سۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى تېپىپ چىقىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ كارى بولماي يۈرىدىغان «ياخشىچاق»لىق ئېڭىنى قەتئىي يېڭىپ، «بىر كۆزىنى قىسىۋالىدىغان» پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۈجمەل تونۇشلار ئالدىدا دادىللىق بىلەن ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خاتا ئىدىيەلەر، قاراشلار ئالدىدا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققانىيەت ئاۋازىمىز، بىردەك ھەرىكىتىمىز بىلەن بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆزلەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي يۈزتۇرا كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، يالغانچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك سەپسەتىسىنى قەتئىي تازىلاپ، ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئاڭلىق باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئېتىپ، ياخشى ئادەم بولۇپ، ياخشى سۆز، ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىز، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئالدىدا ماڭالايدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، يېڭەلەيدىغان بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا بارلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئىتتىپاقلىقنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى، شۇڭا بىز ئاممىنى تەربىيەلەپ، تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پارتىيە، دۆلەت تارىخى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى» ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىمىز باغرىدىكى ئورتاق كۈرەش قىلىش تارىخى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەشكىلىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇلاردا توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىلىق تەۋەلىك تۇيغۇسى، غۇرۇر تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىققا پايدىلىق سۆزلەرنى، ئىتتىپاقلىققا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، مىللەت ئايرىمىچىلىقى، گۇرۇھۋازلىقىنى قەتئىي قىلماي، ئىتتىپاقلىقنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك ئېجىل ئۆتۈپ، بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، قوشۇننى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ تىل، ئۆرپ - ئادەت، ھېسسىيات جەھەتتە ئوخشاش بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆز مىللىتىدىن بولغان كادىرلارنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارغا دائىم تەلەپ قويۇش، ئىنتىزامنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، قىيىنچىلىق - سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ «ئۈچ ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئالدى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئاندىن قالسا دۆلەت كادىرى، ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن مەلۇم مىللەتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتۇپ، پارتىيەگە، ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە نىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك، يۇقىرى بېسىملىق توك ئېڭىنى ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مۆھۈردەك بېسىپ، ئۇلارغا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى - تېشى بىردەك بولۇش، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇش، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغان كادىرلارنى تىرىشىپ قەلبلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، پولات سېپىل قۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى خەلق كۈرىشىنىڭ كۈچلۈك دولقۇنلىرىغا غەرق قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىدا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىشنىڭ غايەت زور كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر