باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرايلى، ئاۋانگارتلاردىن بولايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت

2017.04.14 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرەش شىجائىتىنى قوزغىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھالقىلىق پەيتتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھىغا ئىلھام بەردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك قەلبىنى ئىپادىلىدى.

  ئىدېئولوگىيە تارمىقىدىكى بىر ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ئاكتىپ ئۈنۈمنى مۇجەسسەملەۋاتقانلىقى مېنى ناھايىتى روھلاندۇردى، مەن بۇنىڭغا قەتئىي ئاۋاز قوشىمەن. ماڭا ئايانكى، شىنجاڭغا ئوخشاش بۇنداق كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چېگرا رايوندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشى، مۈجمەل تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشقا كېلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپاللىق مەسىلىدە، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى - تېشى بىردەك بولۇپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، جەزمەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى، پوزىتسىيەسى ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە جەمئىيەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز سىياسىيدا ئاقىل كىشىلەردىن بولۇپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى ئۆزىمىزگە قويىدىغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي مۇستەھكەملىكنى ساقلاش، سىياسىي خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۈجمەل گەپ قىلسا، ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرسە، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل ئىش قىلسا، قارىماققا رىئايە قىلغاندەك قىلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. باشتىن - ئاخىر سەگەك بولۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىمىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، مۈجمەل گەپ - سۆز، ساختا قاراش، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيىدىغان پىكىر ئېقىمى، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەيپىياتى توغرا، ئىستىلى دۇرۇس، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش بىزنىڭ ھازىرقى مۇقەررەر تاللىشىمىز بولۇشى كېرەك.

  ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، باش نىشاننى ياخشى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىققىتىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى كەڭ كۆلەمدە، مەردانىلىك بىلەن سۆزلەپ، ئاممىنى پارتىيەگە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تە قەيسەر جەڭچى بولۇپ، ئەسەبىيلىك قىلىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك؛ مەدەنىيەتنىڭ ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچىسى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى يوقىتىپ، دىني ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈگىتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئالاقە تورى تەپەككۇرى تۇرغۇزۇپ، «تور تىلى»نى قوللىنىپ، توردا ماقالە ئېلان قىلىش، پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئادەتلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل گەپ - سۆزلىرى، بىلجىرلاشلىرىغا قارىتا ھەقىقەتنى سۆزلەپ، پاكىت قويۇپ، ئاساسىي ئېقىم قارىشى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، يالغان - ياۋىداق گەپ - سۆزلەرنى پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك سەپسەتىسىنى قەتئىي تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەڭداشسىز كۈچ بىلەن تارىخ ئەخلەتلىرىنى سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ 1 - سېپىگە ئۆتۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. «پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم» ئىدىيەسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل ئىدىيە ۋە سىياسىي سۇيىقەستىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەت، تەشۋىق، تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەش، كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىش، كەڭ كۆلەمدە پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسىنى ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاممىغا ئىنچىكە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى ۋاقتىدا ئاڭلىيالايدىغان، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى، نىزامىنى بىلىدىغان، ھەق - ناھەقنى، دوست بىلەن دۈشمەننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلىمىش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان قىلىپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتتىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر