باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12 مىليون 444 مىڭ سۇغۇرتا كارتىسى تارقاتتى

2017.04.14 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون سۇغۇرتا كارتىسىدىن 374 مىڭنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، پۈتۈن بىر يىللىق ۋەزىپىنىڭ %33 نى ئورۇنلىدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە 12 مىليون 444 مىڭ سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىلغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئاساسىي جەھەتتىن قاتناشتۇرۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سۇغۇرتا كارتىسى قوللىنىش مۇندەرىجىسىدىكى 102 تۈرنىڭ 95 تۈرنى قوللىنىپ، سۇغۇرتا، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇملاشتۇرغان. سۇغۇرتا كارتىسىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سۇغۇرتا ئىگىلىرى ئىسكىلاتىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزگەن؛ ئىسكىلاتقا كىرگەنلەرنىڭ سانى 11 مىليونغا يېتىپ، %90 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش ۋە مەملىكەت ئىچىدە سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە كۈچلۈك مەدەت بەرگەن.

  ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سۇغۇرتىدا بانكا بىلەن داۋالىنىشنى بىر كارتا قىلىش سىنىقىنى قانات يايدۇردى. سوغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سۇغۇرتا كارتىسى بولسىلا كېسەل كۆرسىتىش نومۇرى ئالالايدۇ ۋە راسچوت قىلالايدۇ. بۇ داۋالىنىش كارتىسى بېجىرىش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن يەنە دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش كارتىسى ياساش چىقىمىنى ئازايتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر