باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ساي يولىغا يەنە بىر كۆۋرۈك قوشۇلىدۇ

2017.04.14 15:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئۈرۈمچى ساي يولىغا يەنە بىر كۆۋرۈك قوشۇلۇپ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، قاراماي غەربىي يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساي يولىدىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ. پۈتكەندىن كېيىن بۇ كۆۋرۈك ساي يولىدىكى 25-كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كۆۋرۈك تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بىلەن قاراماي غەربىي يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنىدىغان بولۇپ، شەرق، غەرب تەرەپكە 50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پەلەمپەي ياسىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىكى 22 كىلومېتىر كېلىدىغان ساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا نۆۋەتتە يولدىن ئۆتىدىغان 24 كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 910 مېتىرغا بىر كۆۋرۈك ياسالغان.

  بۇ يىل مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يول قاتناش قۇرۇلۇشلىرى يەر ئۈستى، يەر يۈزى، يەر ئاستىدىكى نۇرغۇن جايدا «چېچەك ئېچىش»قا باشلىدى. شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى 68 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ 29 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، بۇلار يول قاتناش تۈرى، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى تۈرى، رېلىسلىق قاتناش تۈرى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى تۈرى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تۈرى، بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى، ئەقلىي شەھەر بەرپا قىلىش تۈرى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە، مېترو 3-لىنىيەسىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى، 4-لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى، شەرقىي مەيدان كۆتۈرمە يول ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاندى.يېقىنقى مەزگىلدە، شەھەر شىمالىي غول يولىنىڭ شەرققە سوزۇلغان ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى، قەشقەر يولىنىڭ شەرققە سوزۇلغان ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى، شەھەر شىمالىي غول يولىنىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيا يولىدىن سۇجۇ يولىغا بارىدىغان) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى، ساي يولدىن ئۆتۈش پىيادىلەر كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ۋە ياشلار يولىدىن دۆلەت قۇرۇش يولىغا ئۆتىدىغان يەر ئاستى يولى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلىنىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر