باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.04.14 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 12- ئاپرېل «ۋال ئىسترېت كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان بىر پارچە دوكلاتىدا جۇڭگو «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن.

  ترامپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان، جۇڭگو «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول» قىلمىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 12- ئاپرېل رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ ھەپتە ئېلان قىلماقچى بولغان «خەلقئارا ئىقتىساد ۋە پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتى دوكلاتى» ناملىق ئەڭ يېڭى يېرىم يىللىق دوكلاتتا، جۇڭگونىڭ «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىش دۆلىتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇلتۇر 10- ئايدا ئېلان قىلغان بۇنىڭغا ئوخشاش تېمىدىكى يەنە بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا قاتارلىق ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىدا پۇل پېرېۋوت نىسبىتىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىشتەك ئەھۋال پەيدا بولمىغان.

  بۇ يىل 1 - ئايدا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جاكوب لېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەنكى 18 ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەردىن بايقىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنمىغان. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىش بىلەن ئوخشاش دەپ قارىسا، «مۇقەررەر ھالدا خەتەرلىك» بىر يولغا ماڭغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر