باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا: خەلقئارا ئىتتىپاق خاتا پارتلىتىپ دوست ئارمىيەدىن 18 ئادەم قازا قىلدى

2017.04.14 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى 13-ئاپرېل، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان خەلقئارا ئىتتىپاق يېقىندا ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا خاتا پارتلىتىپ، ئامېرىكا قوللاۋاتقان سۇرىيە كورد قوراللىق كۈچلىرى بولغان سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسىنىڭ 18 ئادىمىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئىتتىپاق 11-ئاپرېل ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەدىكى لاگېرى بولغان رەققەنىڭ غەربىيدىكى تافكادىكى بىر ئورنىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان ئورۇن ھۇجۇمدىن كېيىن سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسىنىڭ ئورنى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ 18 قوراللىق خادىمىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى.

  نۆۋەتتە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ياكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر