باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى توغرىسىدىكى 12-قېتىملىق سۆھبىتى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.14 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى توغرىسىدىكى 12-قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنى 13-ئاپرېل توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈچ تەرەپ مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت 10-ئاپرېل باشلانغان بولۇپ، ئۈچ تەرەپ ئالدى بىلەن مۇلازىمەت سودىسى، تېلېگراف، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا يۆتكىلىشى، مەبلەغ سېلىش، رىقابەت سىياسىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئېلېكتىرون سودىسى قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە مۇلازىمەت سودىسىنى باشقۇرۇش تەدبىرىدە ئومۇميۈزلۈك تەپسىلىي سىياسىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى 2012-يىلى 11-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر