- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش يېڭى تەدبىرىنى تەستىقلىدى
2017.04.14 14:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىتالىيە پارلامېنتى يېقىندا ئىتالىيە تەۋەسىدىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى كۆچمەنلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تىز بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى، پاناھلىنىش دېلوسىدىكى شىكايەت قىلىش سانى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئىتالىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ھەر قايسى چوڭ رايونلاردا مەڭگۈلۈك قايتۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلىنىدۇ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدىغان قايتۇرۇش مەركىزى ھەر قايسى رايونلاردىكى قاتناش تۈگىنىگە يېقىن جايدا قۇرۇلۇپ، سىغىمچانلىقى 150 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قايتۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان 1600 كۆچمەننى سىغدۇرغىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر