باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا كامبودژادا «ئالاھىدە رايون» قۇرۇلدى

2017.04.14 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىخانۇك پورتى كامبودژادىكى مۇھىم دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولۇپ، كامبودژادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي رايون سىخانۇك پورتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياردىمىدە سىخانۇك پورتى ئالاھىدە رايونىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە.

  كامبودژانىڭ پايتەختى فىنوم پېندىن ماشىنا بىلەن تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ماڭغاندىن كېيىن سىخانۇك پورتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا يېتىپ بارىسىز. 10 يىل ئىلگىرى، بۇ جاي قاقاسلىق ئىدى، سۇ، توك، يول يوق ئىدى. 2007-يىلى ئاپرېلدا جۇڭگونىڭ خۇڭدۇۋ گۇرۇھى جۇڭگو كامبودژا كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇ يەردە ئومۇمىي كۆلىمى 11.13 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سىخانۇك ئالاھىدە رايونىنى قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ كامبودژادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولۇپ، تۈر يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئانچە قوبۇل قىلالمىغانتى. سىخانۇك پورتى ئالاھىدە رايونىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ، ئاھالىلەر بىلەن سۆزلەشتى.

  10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، سىخانۇك پورتى ئالاھىدە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تەدرىجىي شەكىللەندى، يەرنىڭ قىممىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. نۆۋەتتە بۇ ئالاھىدە رايونغا كىرىپ ئولتۇراقلاشقان كارخانا 109 بولۇپ، ئىجارىگە بېرىشتىن قىلىدىغان كىرىم %10 تىن ئاشتى.

  شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، %70 تىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئەزاسى ئالاھىدە رايوندا خىزمەت قىلماقتا.

  ھازىر ۋۇشى شەھىرى بىلەن سىخانۇك شەھىرى دوست شەھەر بولدى، جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن سىخانۇك ئۆلكىسى دوستلۇق ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى. سىخانۇك پورتى ئالاھىدە رايونىنىڭ «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  نۆۋەتتە سىخانۇك پورتى ئالاھىدە رايونىنىڭ تەرەققىياتى تېز يولغا كىردى. شۇ جايغا 16 مىڭ ئىش ئورنى ھازىرلاپ بەردى. كەلگۈسىدە يەنە بىر ھەسسە كېڭەيتىش پىلانلانماقتا، شۇچاغدا 300 كارخانا كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ، 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر