خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، 2017-يىللىق جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەڭ ئوتى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا قايتا لاۋۇلدىدى. بىر ئايغا يېقىن قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدىلا مۇسابىقە ئوينىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئاخىرى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ، مۇسابىقىلەشكىلى كەلگەن دالىيەن يى فاڭ كوماندىسىنىڭ رىقابىتىنى كۈتۈۋالدى. ئۆز مەيدانىدىكى 3000دىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا، بىر مەيدان جاپالىق تىركىشىشتىن كېيىن، ئاخىرى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئالدىنقى ئايلانمىدا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كىرىشتىكى كاندىدات كوماندا دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان داليەن يى فاڭ كوماندىسى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن بۇلتۇرقى مۇسابىقە پەسلىدە 3-بولغان چىڭداۋ خۇاڭخەي كوماندىسىنى ئۇتۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن كېيىنكى تۆت مەيدان ئۇدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي تىزىلىشتا 2-ئورۇندا تۇردى.
دالىيەن يى فاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدىن نومۇر ئېلىپ كېتىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، ئالدىنقى ئىككى يىلدا، داليەن يى فاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا نومۇر جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان ھالەتتە، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى تەرىپىدىن غەلىبە مېۋىسىنى تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئابدۇخەمىت قارشى تەرەپ ئوڭ تەرەپ كورنېرىغا يېقىن جايدا مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس بەردى، ۋۇ پېڭ يېتىشىپ كېلىپ تەپكەن توپ ۋاراتارغا كىردى. ئىككى تەرەپ مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە مۇشۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
بۇ ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا داليەندىن كەلگەن يەنە بىر كوماندا __ داليەن چاۋ يۆنى كۈتۈۋالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى