باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىسىدە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسى مۇلازىمىتىنى ئۈندىداردا ۋاكالىتەن بېجىرىش يولغا قويۇلدى

2017.04.17 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرىل سەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تورى «ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئۈندىداردا ۋاكالىتەن بېجىرىش» مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان. سەنشى تەۋەسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى ئالتە يىللىق تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يانفون ئۈندىدارى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدىكەن، ئەمدى كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ ھەرقايسى تارماقلارغا چاپمىسىمۇ بولىدىكەن.

  سەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تورىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بۇ تور بېكەت ياكى «سەنشى خەلققە قولايلىق تور» ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىغا ئەگىشىپ، سىستېما ئەسكەرتىشىگە ئاساسەن ئاپتوموبىل نومۇرى، ئىسىم- فامىلىسى، تېلېفون، كىنىشكە تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ. ئارقىدىن، تېز يوللانما خادىملىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، بېجىرىش تاماملانغاندىن كېيىن ئىككى خىزمەت كۈنى ئىچىدە كىنىشكىنى ئىشىككە ئاپىرىپ بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تورىنىڭ «قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئۈندىداردا ۋاكالىتەن بېجىرىش» مۇلازىمىتى ئۆلكە بويىچە 710 جىنخۇ قولايلىق دۇكان ۋە قاتناش ساقچى تورىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا ماس قەدەمدە يولغا قويۇلىدىكەن، يەنى بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىدا ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ئالدىن كېلىشىپ بەلگە ئالالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر